ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا يېڭى بىر يۇلتۇز چاقنىدى

ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، بىر نەچچە يىلدىن بېرى ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئەلى پارلامېنت ئەزالىقنى قولغا كەلتۈردى.

ياپونىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 

ئەرفىيە ئەلى نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولۇپ، باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدانىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىشىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ چىبا شەھەرلىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى سايلىمىدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.

ئەرفىيە ئەلى 1988-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ ياپونىيە مائارىپىدا تەربىيەلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى ياخشى بىلىدىكەن. ئۇ ۋاشىنگتوندىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا سىياسەت كەسپىدە ئوقۇغان، ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا سىياسەت ئىنستىتۇتى، دۇنيا بانكىسى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. 

ياپونىيەدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ياپونىيەدە سىياسىي ساھەگە قەدەم تاشلىغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالغان ئەرفىيە ئەلى ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ۋە بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسلىسىز زۇلۇملار» دېگەن جۈملىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان.

بۇ خەۋەر 1058 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2023 20:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق