خىتاي ئەلچىخانىسى خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار بىلەن ھەرىكەت باشلىدى

ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ھەتتا روزا ھېيتنىمۇ خاتىرجەملىك ئىچىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئوخشاش كۈندە تەبرىكلىيەلمىگەن بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن، يەنە بىر قېتىملىق تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىغان.

خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسى مەخپىي تەشكىللىگەن مەزكۇر خىتاي ساياھەت ئۆمىكىگە ئەلچىخانىدىكى ۋاڭ فامىلىك خىتاي دىپلومات يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، تۈركىيەدە خىتايغا سادىقلىقى بىلەن تونۇلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپى، نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن سابىر بۇغدا ئۆمەك باشلىقى بولغان.

ئۆمەكتە يەنە پەرىدە ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى، زەينەش ئىسمايىل (قازاق)، مۇھەممەد ئەلى (ئىستانبۇلدىكى يوللانما شىركىتى خوجايىنى)، خىتاي ئەلچىخانا خادىمى ئەرەفات، ئەنقەر (ئوقۇغۇچى)، ئادىلە (سابىرنىڭ كاتىپى) قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان 20 كىشى بار بولۇپ، ئۇلار 22-ئاپرېل ئىستانبۇلدىن بېيجىڭغا ئۇچقان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار بېيجىڭدىكى ئۈچ كۈنلۈك پائالىيىتىنى تۈگىتىپ، 24-ئاپرېل قەشقەرگە ئۇچقان بولۇپ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئىككى ھەپتە ساياھەتتە بولىدىكەن.

سابىر بۇغدا ۋە پەرىدە ئەنۋەر خىتاي رېجىمىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2239 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2023 19:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق