پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق رەئىسى رەجەپ شەنجان ئەپەندى، پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە ئىستانبۇل ۋە رايون باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى.
پائالىيەت شەمسىددىن ئابادى قارىنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت قىلىۋاتقان بولساقمۇ، بىراق ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغانلىقىمىز سەۋەبلىك كۆڭلىمىز يېرىم بولماقتا. بىرلىكتە ھېيتلىشىشنىڭ مەقسىتى بىر يەرگە يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە بىر پىكىرگە كېلىش ئارقىلىق ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قايمۇقۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قەلبتە قۇرۇش كېرەكلىكىنى، شۇنداق بولغاندىلا مۇستەقىللىقنى ھەقىقىي رەۋىشتە قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغۇز قويماي ۋە ئالدىراشچىلىقىغا قارىماي پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ۋە باشقا قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئالدىنقى قېتىم كود قويۇلۇش سەۋەبلىك ئىقامەت ئالالمىغان ياكى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىستىماس قىلالمىغان ئەھۋاللارنى مىنىستىردىن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، مىنىستىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئالدى بىلەن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەپ: «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىز، بىزنىڭ دەردىمىز ئۇلارنىڭ دەردى» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاتاي قاتارلىق يەرلەرگە بېرىپ، نەق مەيدانلاردا ھەمكارلاشقانلىقىغا قايتا رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغاندىن بېرى ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۈچ كۈن ئىلگىرى يەنە ئىككى مىڭ ئۇيغۇرنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىشنى تەستىقلاپ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە يوللىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەستىقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا قولىدا 3500 ئۇيغۇرنىڭ ماتېرىيالى بار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنىڭمۇ يېقىندا تەستىقتىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار تۇغۇلۇشىدىنلا تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پىرېزىدېنت، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ھەر دائىم بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «تۈركىيە يېڭى بىر مۇھىم سەپەرنى باشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، رەجەپ تاييىب ئەردوغان بارلىق تۈركىي قېرىنداشلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار ھەمدە سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار ھەمدە قوللىشىڭلار بىلەن قايتا پىرېزىدېت بولۇپ سايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ خالىسا تۈرك دۇنياسى ھەمدە ئىسلام دۇنياسىدا يېڭى دەۋرى باشلىنىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «سۇرىيەدىن ئىراققا، ئافغانىستاندىن پاكىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قەدەر زۇلۇمدا قالغان قېرىنداشلىرمىزنى بىرلىكتە قۇتۇلدۇرىمىز» دېدى.
ئاخىرىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇر تونى ۋە دوپپىسى كىيدۈرۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى.
پائالىيەتتە ئەھمەد قىلىچ بىلەن خەيرۇلنىسا قىلىچ ئىسلام، ۋەتەن، ھۆرلۈك كۈيلەنگەن بىر تۈركۈم ناخشىلارنى ئىشتىراك قىلغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى. ئابدۇشۈكۈر ھاجىممۇ «ۋەتەن» ناملىق غەزەلنى ئوقۇپ بەردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە جەمئىي 360 مىڭ لىرا نەق پۇل ھېيتلىق تارقىتىپ بەردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ