شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيت كۈنلىرى ئازاب ئىچىدە ئۆتمەكتە

خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ يىلمۇ ھېيت كۈنلىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئازاب ئىچىدە ئۆتمەكتە.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم 21-ئاپرېل فېيسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلىگەن سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار روزا ھېيت يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۆيلىرىنى بېزەپ ياكى يېڭى كىيىم كىيىپ، ھېيت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان تىرىك يېتىملەر قەلبىدىكى ھەسرەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.

سىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ياش ئاز ساندىكى ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يېنىدا بولغان كىشىلەرنىڭ ھېيتنى لايىقىدا تەبرىكلىشى كېرەكلىكىنى، تىرىك يېتىم بولۇپ قالغان بالىلار ياكى يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ، يالغۇز قالغان كىشىلەرنىڭ ئازابلىرىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرىنى ئىپادىلىگەن.

مۇھاجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئەركىن ھالدا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇپ، ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، تېلېفوندا بولسىمۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغانلىقى، ئۇلارغا «ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەندەك ئاددىي تەبرىك سۆزلىرىنىمۇ قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىدەك ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئورتاقلاشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1868 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2023 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق