سۇداندا يۈز بەرگەن ئىچكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 270 ئادەم قازا قىلىپ، 2600 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقى 20-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۇدان قوراللىق قىسمى بىلەن تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىش قىسمى شۇ جاي ۋاقتى 18-ئاپرېل سائەت 18:00 دىن باشلاپ ئۇرۇش توختاتقان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇدان قوراللىق قىسمى بىلەن تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىش قىسمى 18-ئاپرېل ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سائەت 18 دىن باشلاپ 24 سائەت ئۇرۇش توختىتىدىغان بولغان. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، سۇدان پايتەختى خارتۇمدا يەنە بىر قېتىم ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككىلا تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. سۇدان قوراللىق قىسىمى داۋاملىق ھەرىكەت قىلىپ، پايتەخت ۋە باشقا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ب د ت نىڭ توقۇنۇشنىڭ توختىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەتلەرنى بايقىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 270 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 2600 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا بىرلەشمىسى ئاگاھلاندۇرۇپ، نۆۋەتتە خارتۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى، سۇدان سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، سۇدان قوراللىق قىسمى بىلەن تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىش قىسمنىڭ قوراللىق توقۇنۇشى 15-ئاپرېل باشلانغان. توقۇنۇش ئەڭ بۇرۇن خارتۇمنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىدا پارتلىغان، كېيىن تېز سۈرئەتتە خارتۇم شەھىرى ۋە باشقا ھەرقايسى ئىشتاتلارغا كېڭەيگەن. توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىسلاھات پىلانىدىكى تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىش قىسمىنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە قوشۇۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ