خىتاي كونگودىكى پۇقرالىرىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى

خىتاينىڭ كونگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى پۇقرالىرىغا ئىتۇرى ئۆلكىسىگە بارماسلىقنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتتى.

خىتاي مۇھاجىرلىرى تورىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە كونگودىكى ئاھالىلەرنىڭ دائىم قىرغىنچىلىققا ئۇچرايدىغان بولۇپ، 14-ئاپرېلدىن 17-ئاپرېلغىچە، قوراللىق كۈچ «كونگو تەرەققىيات ھەمكارلىق فىرونتى» رايوندىكى بىر قانچە يېزىغا ھۇجۇم قىلغان، ۋەقەدە 60 نەچچە ئادەم قازا قىلغان. ئۇندىن باشقا ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىتۇرى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 150 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.

خىتاي چاقىرىقىدا كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلارغا بارماسلىقنى، مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك خادىملار ۋە ئورگانلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، بىخەتەر رايونغا يۆتكەلگەنلىكىنى، خىتاي پۇقرالىرى جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ساقچىغا تېلېفون قىلىپ، ئەلچىخانا بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 912 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2023 19:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق