خىتاي كورىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كورىيە پىرېزىدېنتى يون سۇن يېئولنىڭ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بىر مۇخبىرنىڭ كورىيە پىرېزىدېنتى يون سۇن يېئولنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن جاۋابىدا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا دۇنيادا بىرلا خىتاي بارلىقىنى، تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتى بولۇپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىتايلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

 ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشى ئارالدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىشىدىن بولدى. تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ قىلمىشى تىنچلىق، مۇقىملىق بىلەن سىغىشالمايدۇ، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى ۋە رايون تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئۈچۈن تاشقى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە قارشى تۇرىمىز» دەپ جار سالغان.

ئۇ يەنە شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيەنىڭ ب د ت غا كىرگەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، شىمالى كورىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسى بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرى، جەريانىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى، كورىيەنىڭ خىتاي-كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بىرلەشمە باياناتىنىڭ روھىغا رىئايە قىلىپ، بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1041 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2023 19:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق