ئامېرىكا ئەمەلدارى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن خىتايدىن ۋىزا تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە مەكتۇپ يوللاپ، شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، ۋىزا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فوكس خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىس بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە مەكتۇپ يوللاپ،  ئۆزى باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەكنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، ۋىزا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىرىس سىمىس مەزكۇر قارارىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا ئېلىۋېلىش جىنايىتىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتادا ماقۇللانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئۇنىڭغا ئېلخەت يوللىغان. خىتاي دىپلومات خېتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەرنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە «خىتاي دۈشمەنلىكى» ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

كىرىس سىمىس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇلار يوشۇرغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوقلۇقىنى ئېيتتى، بۇنداق بولغانىكەن، بىزنىڭ بېرىشىمغا يول قويسۇن» دېگەن ۋە شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزى باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن، ۋىزا تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاي تەرەپتىن تېخى جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى، ئەگەر ھېچقانداق شەرت قويۇلمىغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈنلەي چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلىگەن.

كىرىس سىمىس باشچىلىقىدا سۇنۇلغان «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توسۇش قانۇنى»نى 27-مارت ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئىككىگە قارشى 314 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى. كىرىس سىمىس مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ياشلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشتەك ۋەھشىيانە جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 892 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2023 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق