ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قايتىدىن بىر قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، ئامېرىكىدا پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوللاشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر نەچچە ئەزاسى بىرلىكتە قايتىدىن «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى سۇنغان بولۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكىدا پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈرلۈك قوللاشلارنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن يوڭ كىم ۋە ئېيمى بېرا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماس نۇسخىسىنى ئاۋام پالاتاسىغا سۇنغان.
ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يېڭىدىن سۇنۇلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاسىتىسى بىلەن، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆز قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش، تۈركىيە قاتارلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىكى ئامېرىكا ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان كەم دېگەندە بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم سۇنۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقىسى بولسا بۇلتۇر 4-ئايدا ئوخشاشلا مەزكۇر ئۈچ پالاتا ئەزاسى تەرىپىدىن كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم