خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتى روزا ھېيتتا تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندى

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى 21-ئاپرېل روزا ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى بۇرۇنقى قىلمىشلىرىنى قايتا تەكرارلاپ، ھېيت كۈنىنى قەستەن بىر كۈن كەينىگە سۈرۈپ ئورۇنلاشتۇردى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى ئەسلىدە 21-ئاپرېل تەبرىكلىنىشى كېرەك بولغان روزا ھېيتنى شەرقىي تۈركىستاندا 22-ئاپرېل دەپ ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، قەستەن بىر كۈن كەينىگە سۈرۈۋەتكەن. ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ نومۇسسىز قىلمىشى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىغان. مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، شەرقىي تۈركىستاندا روزا ھېيت شەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نورمال قائىدە بويىچە، خەلق شەنبە ۋە يەكشەنبە ئىككى كۈن ئارامغا قويۇۋېتىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي رېجىمى نورمال ئارام كۈنى بولغان يەكشەنبە كۈنىنىمۇ قەستەن ئىش كۈنىگە ئۆزگەرتكەن ۋە بۇنىڭ ئورنىغا جۈمە كۈنىنى ئارام كۈنىگە ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزىدىغان كۈنى يەنىلا پەقەت بىر كۈن بولغان.

ئۇندىن باشقا خىتاي رېجىمىنىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ ئورگان تور بېتىدىمۇ خۇددى رامىزان ئېيىدىكىگە ئوخشاشلا، روزا ھېيتقا ئالاقىدار ھېچقانداق مەزمۇن چىقارمىغان.

خىتاي رېجىمى تۈرلۈك چەكلىمىلەرنىڭ سىرتىدا، بۇ قېتىملىق روزا ھېيتنىمۇ ساختا تەشۋىقاتى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۈچۈن پايدىلانغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان بەزى خەۋەرلەردە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە تاماق ئېتىپ يەپ، روزا ھېيتنى تەبرىكلىگەنلىكى، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى كۈچەيتكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. يەنە بەزى خەۋەرلەردە بولسا روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى مەھەللە، كەنتلەردە تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن خىتاي تىلى ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، ئاتالمىش «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش قاتارلىقلارنىڭ قىستۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي رېجىمى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان بارلىق ماددىي، مەنىۋى باغلىنىشىنى تولۇق ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، ھېيت كۈنلىرىنى، شۇنداقلا (پۈتۈنلەي چەكلىمە ئىچىدە بولسىمۇ) رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىش كۈنلىرىنى قەستەن كېچىكتۈرۈپ ياكى ئالدىغا سۈرۈپ، ئىسلام دۇنياسىدىن پەرقلىق تۇتۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇغقاندارچىلىق، قولۇم-قوشنىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان ھېيتلىشىش ئادىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە توسۇپ قېلىش ئۈچۈن، ھېيتلىق ئارام كۈنىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1681 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2023 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق