دوكلات: ئامېرىكىدىكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار قىيىنچىلىق تارتماقتا

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «ئەمدى كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ: ئۇيغۇرلار ئامېرىكا پاناھلىق سىستېمىسىغا قاپسىلىپ قالماقتا» سەرلەۋھەلىك مەزكۇر دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىن ئامېرىكىغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ كىرىمى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كېلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئەھۋالى خىرىسقا ئۇچرىغان. ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغان ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلىشمۇ ئۇلارنىڭ بېسىمى ۋە ئەندىشىسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ چوقۇم ئامېرىكىنىڭ پاناھلىنىش بېرىش مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىدىن ئىبارەت تەشۋىشكە دۇچ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ بۇ ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ پاناھلىق تەلىپى يەنىلا تەستىقلاش باسقۇچىدا توختاپ قالغان. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئىنتايىن ئاسان ئۇچرايدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ بارلىق كىملىك تەپسىلاتلىرى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پاناھلىق سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنىڭ كۆپىنچىسى سوت ئېچىلىش ۋاقتىنى بەلگىلەش باسقۇچىدا توختاپ قالغان. 2023-يىلى 3-ئايغىچە سوت ئېچىلىش ۋاقتىنى ساقلاش ۋاقتى ئىككى يىلدىن سەككىز يىلغىچە بولۇپ كەلگەن. نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ پاناھلىق سىستېمىسىدا توختاپ قالغان 500 دىن 1000 گىچە ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى سەككىز يىلدىن كۆپرەك ساقلىغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى 9-ئايغىچە ھەل قىلىنمىغان 300 پاناھلىنىش تەلىپى بار بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئادەم سانى 500 دىن 1000 گىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى:  ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1422 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2023 23:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق