خىتاي ئۇيغۇرلارنى پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىدى

 

18-فېۋرال تەڭرىتاغ تورى بەرگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاينىڭ پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىغان.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيە بازىرىدا 400 دىن ئارتۇق كىشىنى پانۇس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇمباق ئۇسسۇلى ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلەردە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىدىن خالىمىغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ خىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىسا، لاگېرلارغا قامىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى خالىمىسىمۇ ئۇسسۇل ئويناشقا مەجبۇر بولغان.
خىتاي ئۆزىنىڭ بايراملىرىدا ئۆتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزىگە مايىل ياكى ئەمەسلىكىنى سىنايدىغان ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللانماقتا.

بۇ خەۋەر 23116 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2019 20:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق