يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاخبارات نازارەت قىلىشتا ھەمكارلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاخبارات نازارەت قىلىش ۋە تور كونترول قىلىش تاكتىكىسى مەسىلىسىدە ھەمكارلاشقانلىقىنى كۆرسىتىلگەن. ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تور نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خادىمى ۋە ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى 2017-ۋە 2019-يىللىرىدىكى يېپىق يىغىنلاردىن ئېلىنغان ھۆججەتلەر ۋە خاتىرىلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى خەۋەر قىلغان ھۆججەت ۋە خاتىرىلەردە كۆرسىتىلىشىچە ، رۇسىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوخشىمىغان پىكىرلىك كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە تورنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە ئورتاقلاشقان. بۇ «خەتەرلىك» خەۋەر ماقالىلىرىنى توسۇپ قېلىش، تام ئاتلاش تېخنىكىسىنى مەغلۇپ قىلىش ھەققىدىكى ھەمكارلىق ۋە مەسلىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئاشكارىلانغان بىر قىسىم ماتېرىياللاردا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى رۇسىيەدىن ئاۋامنىڭ نارازىلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تاراتقۇلارنى تەڭشەش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ئەمەلدارلىرى خىتايدىن VPN قاتارلىق تام ئاتلاش قورالى ۋە ساقچى ئۇچۇر سۇپىسى قاتارلىقلار قانداق چەكلەش مەسىلىلىرى ھەققىدە خىتايدىن مەسلىھەت سورىغان.
كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە دوكلات بېرىدىغان تور بېكەت «خىتاينى ئۆزگەرتىش» تورىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيەدىن كۆپ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا ئاۋازى يوللىغان ئېلخەتكە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ