خىتاي ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە شىركەت ۋە ئورگانلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

خىتاي ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە شىركەت ۋە ئورۇنلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى ئېلان قىلدى.

سىنا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خىتاي يېڭىدىن ئېلان قىلغان «ئىشەنچسىز ئورگانلار تىزىملىكى»گە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خىتاينىڭ «ئىشەنچسىز ئورگانلار تىزىملىكى» خىزمەت مېخانىزمىدىكى «ئىشەنچسىز ئورگانلار تىزىملىكى بەلگىلىمىسى» بويىچە بۇ يىل 16-فېۋرالدىن ئېتىبارەن لوكھىد مارتىن شىركىتىدىكى جامېس دونالد تايكلېت، فىرانك ئاندرېۋ ساينت جون، جېسۇس مالېۋې، رېيسيون باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى شىركىتىدىكى ۋېسلى كرېمېر، ئاگنېس سۇدېر، چاندېر نىھون ۋە يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى، خىتايدا خىزمەت قىلىشى، تۇرۇشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى يەنە مەزكۇر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈش سەۋەبىنى تىلغا ئېلىپ، لوكھىد مارتىن شىركىتى، رېيسيون باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى شىركىتىنىڭ تەيۋەنگە ئۇزاق مۇددەت قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئىنتايىن يامان ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىككى كارخانىسىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىمپورت-ئېكسپورت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەشنى قارار قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئۇ يەنە بۇنىڭدىن مەقسەتنىڭ خىتاي كارخانىلىرى تىجارەت پائالىيىتىدە تولۇق تەكشۈرۈش ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سودا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئىكەنلىكىنى، خىتاي كارخانىلىرى ئېكسپورت قىلغاندا، چېگرادىن ئۆتكۈزگەندە، يۆتكەپ توشۇغاندا ۋە ئەمەلىي ئىمپورت سودىگىرى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ يۇقىرىقى ئامېرىكىنىڭ ئىككى كارخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئالاقىدار ئىمپورت-ئېكسپورت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇلۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى،  ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئالاقىدار تارماقلار سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى:  ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2023 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق