تۇرپان شەھىرىدە 11 بال بوران چىقتى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھىرىدە 11 بال بوران چىققان بولۇپ، كۈچلۈك بوراندا ماشىنىلار قاپسىلىپ قالغان.

خىتاي مالىيە ئىقتىساد تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-ئاپرېل تۇرپان شەھىرىدە 11 بال كۈچلۈك بوران چىققان. ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت تۆتتە تۇرپان ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بوران كۈچلۈك بولغاچقا ئاسمان يول بويى سېرىق قۇم بىلەن تولغان بولۇپ، بەش مېتىر ئارىلىقنى كۆرگىلى بولمىغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ سانى ۋە ئورنىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئارغامچا بىلەن قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تارتىپ ئاپتوموبىلغا چىقىرىلىپ قاپسىلىپ قالغان بەش كىشى بىخەتەر ھالدا قۇتۇلدۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشچە، تۇرپان شەھىرىدىكى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن قاتتىق بوراندىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان. ئاگاھلاندۇرۇشتا ھەرقايسى جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇم ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغانلىقىنى، شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن بۇرۇن ھاۋارايى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى، يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار مۇۋاپىق سۈرئەتنى ساقلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1602 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2023 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق