پاكىستاندا بىر خىتاي ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

پاكىستاندا بىر خىتاي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق ئاممىسى پاكىستاننىڭ كوخىستان رايونىدىكى داسۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا توپلىنىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەن خىتاينى تېپىپ جازالىماقچى بولغان بولۇپ، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ خىتاينى بىخەتەر ئورۇنغا ئېلىپ كەتكەن.

ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، غەزەپلەنگەن نەچچە يۈزلىگەن ئامما دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن يەنە يىغىلىپ، خىتاي يوشۇرۇنۇۋالدى، دەپ قارالغان رايونلۇق ساقچىخانىغا بېسىپ كىرگەن.

ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلدارلار خىتاينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن باشقا رايونغا يۆتكىگەن. ساقچىلار مەزكۇر خىتاينىڭ پاكىستان قانۇنى بويىچە ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان قانۇنىدا ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش جىنايىتىگە ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىكەن. ئەمما پاكىستاندا ھازىرغىچە بىرەر كىشىگە بۇ خىل جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ باقمىغان. نۆۋەتتە بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئون نەچچە كىشى قاماقتا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2-ئايدا پاكىستاننىڭ شەرقىدە قولغا ئېلىنغان 23 ياشلىق بىر ئەر ۋە 2021-يىلى قولغا ئېلىنغان سېرىلانكىلىق زاۋۇت دىرېكتورىمۇ بار ئىكەن.

ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار خىتاي ھەققىدىكى ئەيىبنامىنى تەييارلاۋاتقان بولۇپ، غەزەپلەنگەن ئامما دۈشەنبە كۈنى يەنە ساقچىخانىغا بۆسۈپ كىرگەن ھەمدە ساقچىلار ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش دېلوسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن تارقىلىشقان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سوتچىلار ئۆچ ئېلىشتىن ئەنسىرەپ سوتنى كېچىكتۈرگەچكە، مەزكۇر جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن نەچچە يۈز كىشى تۈرمىدە قاماقتا ئىكەن.

2021-يىلى 14-ئىيۇل خىتاي ئىنژېنېرلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇس پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى داسۇ توسمىسىغا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئادەم بومبىسى ھۇجۇمىغا ئۇچراپ توققۇز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشى ئۆلۈپ، 28 خىتاي يارىلانغانىدى ۋە خىتاي ئەينى ۋاقىتتا بۇنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئاتاپ، پاكىستان تەرەپتىن ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1075 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2023 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق