خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ 18-ئاپرېل رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى شى جىنپىڭ ۋە پۇتىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، خىتاي-رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىستراتېگىيەلىك ئىچكى ئامىل تولۇقلايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئارمىيەلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇرۇش رايونى، ئارمىيە تۈرى، ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، دۇنيا ۋە رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتىنى قوغداش مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ