خىتاي مەركىزىي مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى تۆت خىل سۈرەتنى چەمبىرەككە چىقارماسلىقنى ئېلان قىلدى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەركىزىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئىدارىسى 2023-يىللىق مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات فىلىمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەشۋىقات فىلىمىدە «ساياھەت مەنزىرە سۈرەتلىرى»، «تەجرىبە قىلىۋاتقان، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقاندا تارتقان سۈرەت»، «يىغىن خاتىرىسى سۈرىتى»، «ھەربىي ئاپتوموبىللارنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قېلىپ تارتقان سۈرەت» قاتارلىق تۆت خىل دائىم كۆرۈلىدىغان سۈرەتلەرنى چەمبىرەككە تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقى، بۇ خىل ئەھۋالدا ھەربىي ئىشلار ئورنى، تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى، يىغىن خاتىرىسى، قورال-جابدۇق قاتارلىق مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى، بۇ خىل ئەھۋاللاردا سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئەھۋالى يۈز بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئۇندىن باشقا خىتاي مەركىزىي مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسى يەنە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات ئېلانىنى لايىھەلەش، «ھەممەيلەن مەخپىيەتلىكنى ساقلايلى» تېمىسىدىكى مىكرو سىن توپلاش، باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇپ كەلگەن كۆپلىگەن مەخپىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەمدە مەخپىي ھەربىي بازىلىرى بارلىقىنى، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ