خىتاينىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىخانىسى رامىزان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىك خەلققە يېمەكلىك ساندۇقى تارقاتتى.
خىتاينىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە خىتاينىڭ مىسىردىكى سودا ئۇيۇشمىسى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزىنى بوياش ۋە ئۇلارغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ئالاھىدە داغدۇغا بىلەن ئېھتىياجلىق مىسىرلىقلارغا يېمەكلىك تارقىتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە خىتاينىڭ مىسىردىكى سودا ئۇيۇشمىسى رامىزان ئېيىنى پۇرسەت بىلىپ، يەكشەنبە كۈنى 8000 ساندۇق يېمەكلىك يەشىكى تارقاتقان بولۇپ، بىر يەرلىك خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا مىسىرنىڭ سەككىز ۋىلايىتىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي ۋە مىسىر خەلقى مۈرىنى مۈرىگە تىرىمەكتە» شوئارى بىلەن چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.
پائالىيەتتە خىتاينىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لياۋ لىچياڭ سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ مىسىر رەئىسى ئابدۇل فەتتاھ سىسىنىڭ «مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ» تەشەببۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاساستا «خىتاي ۋە مىسىر خەلقى مۈرىنى مۈرىگە تىرىمەكتە» دېگەن شوئار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، پۇل پاخاللىقى، ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك باھاسىدىكى يۇقىرى ئۆرلەشنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.
ئۇ يەنە بۇ پائالىيەت بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ مىسىر خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تىلەكلىرى ۋە دوستلۇقىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي-مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئەمەلىي ھەمكارلىق ھەر ئىككى خەلققە نەپ يەتكۈزىدۇ» دەپ جار سالغان.
مىسىر ئىجتىمائىي ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تامېر سامى سۆز قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ رامىزاندا خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان ۋە بۇنىڭ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ پائالىيەتنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنى چىرايلىق كۆرسىتىش مەقسىتىدە قىلىۋاتقان كۆز بويامچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، پائالىيەتنىڭ داغدۇغىسى بىلەن ياردەم قىلىنغان نەرسىنىڭ ئازلىقى ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچى دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان خىتاينىڭ سالاھىيىتىگە ھەرگىز ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ھەر ئائىلىگە كىچىك بىر ساندۇقتا تارقىتىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىر ئائىلىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئىستېمالىغىمۇ يەتمەيدىغان دەرىجىدە ئاز ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنداق داغدۇغا بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقات ئۈچۈن ماتېرىيال تەييارلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، مىسىر ۋە باشقا ئىسلام دۇنياسىدىكى يەرلىك خەير-ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى ھەر يىلى رامىزاندا تارقىتىدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش يېمەكلىك ياردەملىرىنىڭ خىتاي داۋراڭ سېلىۋاتقان مەزكۇر ياردەملەردىن نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئۇنداق باشقا خىتاينىڭ مەزكۇر ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى دۆلەت نامىدىن بىۋاسىتە قىلالماستىن، يۈزلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قىلىشىمۇ دىققەتتىن قاچمىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر