خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى يېڭى «زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلىدى

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئاتالمىش «توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا زەربە بېرىش» نامىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 17-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ئاتالمىش «تور مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ساپلاشتۇرۇپ، توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا زەربە بېرىش» نامىدا «100 كۈنلۈك مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلىغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى بەزى قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرى توغرىسىدا توردا پىتنە-ئىغۋالار كۆپىيىپ، تور تەرتىپىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى سەۋەبلىك يولغا قويۇلغانلىقىنى، توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، تور بوشلۇقى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا زەربە بېرىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تۈركۈم تور ھېسابلىرىنى ئېنىقلاپ ۋە تاقاپ، توردا پىتنە-ئىغۋا كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى توسۇش ئارقىلىق، ئاتالمىش سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغداش ئىكەنلىكى داۋراڭ سېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ھەرخىل ناملار بىلەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە چارىلىرىنى يولغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئاتالمىش «100 كۈنلۈك مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى»مۇ ئوخشاشلا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1594 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2023 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق