ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى 17-ئاپرېل نىيۇيوركتا ئىككى خىتاينى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلار مانھاتتاندىكى خىتاي شەھەرچىسىگە يېقىن جايدا ئاتالمىش «مەخپىي ساقچىخانا» قۇرۇشقا چېتىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قولغا ئېلىنغان بۇ ئىككى خىتاينىڭ بىرى 61 ياشلىق لۇ جيەنۋاڭ يەنە بىرى 59 ياشلىق چېن جىنپىڭ بولۇپ، بۇلار دۈشەنبە كۈنى ئۆيىدە قولغا ئېلىنغان. لۇ فامىلىلىك خىتاي نىيۇيورك چاڭلې جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان، چېن فامىلىلىك خىتاي بولسا باش كاتىپ بولغان.
ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىككى خىتاي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، نىيۇيورك خىتاي شەھەرچىسىدە «چەت ئەل ساقچى پونكىتى» تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دىپلوماتىيە جەھەتتىن تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى تەكشۈرۈپ بايقاش ۋە باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان. مەزكۇر «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان ئامېرىكىلىق خىتايلارنى نىشانلاش، دوكلات قىلىش، خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان گۇرۇپپىلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئىككى خىتاي ھەققىدە ئۆتكەن يىلى كۈزدە تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ يىل 1-ئايدا مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ رايوندىكى خىتايلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى يېڭىلاش قاتارلىق مەمۇرىي قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالاگېر مەزكۇر ئاتالمىش ساقچىخانا يېنىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ قانۇنسىزلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى 7-نويابىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترىيە، چېخ، گېرمانىيە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 14 دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ چەت ئەلدە قانۇنسىز قۇرۇپ چىققان «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، كانادا، چىلى، نىگېرىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە دۆلەت چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدا قانۇن ئىجرا قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، چەت ئەل ۋەكىللىرىنىڭ يەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ