خىتاي ئامېرىكىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كۆپلىگەن شىركەت ۋە ئورۇنلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بىر مۇخبىر: «ئامېرىكا رۇسىيەگە چېتىشلىق خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئەمەلىي گەۋدىلىرىنى ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى ۋە ئالاھىدە بېكىتىلگەن پۇقرالار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.

ئۇ جاۋابىدا ئامېرىكىنىڭ يېقىندا رۇسىيەگە چېتىشلىق دەپ بىر قىسىم خىتاي كارخانىلىرىنى جازالىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ قىلمىشىنىڭ ھېچقانداق خەلقئارا قانۇن ئاساسى يوقلىقىنى، بۇ تىپىك يەككە تەرەپلىك جازا بولۇپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (BIS) ئالدىنقى چارشەنبە خىتاينىڭ 12 شىركىتى (خوڭكوڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر شىركەتلەر ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئالاھىدە ئىجازەتنامىگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن سودا ئالاقە قىلالمايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 575 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2023 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق