پۇتىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكۋادا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشكە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇمۇ قاتناشتى.

دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىدا، كۆرۈشۈشتە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پۇتىن يىغىن جەريانىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىقتىساد، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە ناھايىتى ياخشى تەرەققىياتنى كۆرسىتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بىز يەنە ھەربىي قىسىملىرىمىز ئارقىلىقمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەۋاتىمىز، بىز ئۈچۈن دائىم پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىمىز، ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىقى ساھەسىدە ھەمكارلىشىمىز ۋە بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارىمىز» دېگەن.

شاڭفۇ پۇتىندىن كېيىن سۆز قىلىپ، ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ يەر شارى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا 70 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ، كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقانلارنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 693 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2023 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق