ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرىدىن كېيىن تەيۋەن بوغۇزىغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتتى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتى «USS Milius» ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى چۆرىدىگەن ھەربىي مانېۋىرىدىن كېيىن تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنىدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى دائىملىق ۋەزىپە دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارالىق تاراتقۇلار بۇ قەدەمنى خىتايغا قارشى «بىز تەيۋەن بىلەن بىر سەپتە» دەپ ئۇچۇر بەرگەنلىك، دەپ ئىزاھلىماقتا.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئارلېي بۇرك» سىنىپىنىڭ 7-فىلوتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى پاراخوتى USS Milius نىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئوچۇق دېڭىزدا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە ھاۋا ساھەسى ھەممىگە ئوچۇق بولغان تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قانىتىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى كۆزىتىدىغانلىقى ۋە نازارەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان خىتاي ئالدىنقى دۈشەنبە كۈنى بۇ رايوندا ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش مانېۋىرىنى تاماملىغانىدى. خىتاي بۇ مانېۋىرنى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى گۋاتېمالا ۋە بېلىزنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن «ئۆتكۈنچى قاتناش»نى ئاساس قىلىپ ئامېرىكىنى رەسمىي زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەنىدى.

بېيجىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ۋەكىللىك قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە ھەمدە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 644 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق