ئۇكرائىنا خىتاي پەن-تېخنىكا شىركىتى شياۋمىنى «خەلقئارا ئۇرۇشنى قوللىغۇچىلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، شياۋمى بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنا دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگىنى 13-ئاپرېل خىتاي پەن-تېخنىكا شىركىتى شياۋمىنى «خەلقئارا ئۇرۇشنى قوللىغۇچىلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى شىركەتنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، رۇسىيەدە تىجارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئىكەن. شياۋمى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئۇكرائىنا ئاخبارات ئاگېنتلىقى «كىيېۋ مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسلار ئۇكرائىنانىڭ تىنچ شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقاندا، شياۋمى 2022-يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە يەتكۈزۈلگەن مال مىقدارىنى ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا كۆپەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا %39 ئاشقان.
ئۇكرائىنا باياناتىدا يەنە: «شياۋمى تېرورلۇق دۆلىتىنىڭ ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. خىتاي بۇ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئۇكرائىنا دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى 21 شىركەتنى «خەلقئارالىق ئۇرۇشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى» دەپ بېكىتكەن.
شياۋمى جۈمە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ۋېيبوغا قاراتقان ئېلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەر بىر ئىستېمالچىنىڭ ئالاقە قوراللىرى ۋە تور ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ .