ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى خىتاينى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى خىتاينىڭ جاسۇس ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان پۇقرالار ھوقۇقى تەشكىلاتى ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى (CAIR) خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى چەكلەش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېدىۋارد ئەھمەد مىچىل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ۋاسىتىلىرى بىلەن رامىزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ ئاساسلىق ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ۋە دىنىي ئەركىنلىككە تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مىچېل بايانات ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خەۋىرىدە خىتاي رېجىمىنىڭ جاسۇسلارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى نازارەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىشقا سالغان جاسۇسلار ئادەتتىكى شەھەر پۇقرالىرى، ساقچى ۋە ئەتراپتىكى كومىتېت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن.

خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ بۇ ھەقتە: «خىتاي ھەر دائىم دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قوغداپ كەلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 654 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2023 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق