گوللاندىيەدە چوڭ تىپتىكى ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەدە 14-ئاپرېل مائارىپ ۋەقفى مەركىزىدە چوڭ تىپتىكى ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن.

پائالىيەتكە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ۋە بىرلىكنىڭ پاۋروپا ئىشلىرى شۆبە رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى بىرلىككە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پائالىيەتتە بىرلىك نامىدا سۆز قىلغان.

ئىپتار پائالىيىتىگە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا، تۈركىيەنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى ھەمدە كونسۇلخانا خادىملىرى، تۈركىيە دىن ئىشلىرى ئىدارىسى خادىملىرى ۋە تۈرك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1514 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2023 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق