مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 13-ئاپرېل مالايشىيانىڭ سېلانگور شەھىرىدىكى سېلانگور كىتابخانىسىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت داۋامىدا كىتابخانا مۇدىرى داتىن ماستۇراھ خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مەسىلىسىدە قىلماقچى بولغان ئاكادېمىك سەۋىيەدىكى خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە مالايشىيادىكى مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى ABİM تەسىس قىلغان ئاراكان بالىلار مەكتىپىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت داۋامىدا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئاخىرىدا ئۇلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلدى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە مالايشىيا ئالى مائارىپ مىنىستىرلىقى مالايشىيا مائارىپى خەلقئارا مۇلازىمەت مەسئۇلى دوكتور ئابدۇرازاق ئەپەندىنى يېڭى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى.
ھەيئەت يەنە مۇھەممەدىيە تەشكىلاتىنىڭ مالايشىيا شۆبە رەئىسى مۇھەممەد ئىمران ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى ھەمدە مەسچىت تاقاش، مەسچىت چېقىش، بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ