پولشا باش مىنىستىرى موراۋىيكى: «ئەگەر ئۇكرائىنا بويسۇندۇرۇلسا، خىتاي ئەتىسى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن» دېدى.
پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بىلەن خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ۋەزىيىتى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ باغلىنىشنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئەگەر ئۇكرائىنا بويسۇندۇرۇلسا، خىتاي ئەتىسى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن» دېدى.
پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن تەيۋەن ۋەزىيىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقىسى دائىرىسىدە ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى ئاقىللار ئامبىرىدا قىلغان سۆزىدە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ۋەزىيىتىدە ناھايىتى چوڭ باغلىنىش بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
موراۋىيكى سۆزىدە: «تەيۋەن بىزنىڭ مەسىلىمىز ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق بۈگۈن ۋە ئەتە ئۇكرائىنانى قوغداش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بىز تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلساق، ئۇكرائىنانى قوللىشىمىز كېرەك. «ئەگەر ئۇكرائىنا بويسۇندۇرۇلسا، خىتاي ئەتىسى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن» دېدى.
رۇسىيەنىڭ نىشانىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇكرائىنانى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن موراۋىيكى بۇ ئارزۇنىڭ بۈيۈك ئېھتىمالدا كوممۇنىست خىتاي بىلەنمۇ ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پولشانىڭ غەربتىكى قوشنىلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە جەھەتتە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، غەربىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم سىياسىئونلارنىڭ بەرىبىر ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان موراۋىيكى: «بىر قىسىم ياۋروپا رەھبەرلىرىمۇ بېيجىڭغا باردى. ئۇلار تار نەزەر بىلەن بۈيۈك جۇغراپىيىلىك سىياسىي بەدەلنى ئۈستىگە ئېلىپ تۇرۇپ، خىتايغا مەھسۇلات ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خىتايغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىشنىڭ ئورنىغا ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ياۋروپانىڭ ئەركىنلىكى شۇنداقمۇ؟ «ئاڭلىماققا ياخشى، شۇنداقمۇ؟ ئەمما بۇ ياۋروپانىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى خىتايغا يۆتكەش، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇش دېگەنلىك» بولىدۇ دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر .