خىتاي يېقىندا تەيۋەندە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل ماككولنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ماككول بۇنىڭغا جاۋابەن: «كومپارتىيەنىڭ جازاسىغا ئۇچراش مەن ئۈچۈن شەرەپ» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13-ئاپرېل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيە ۋەكىلى مايكېل ماككول نىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىق بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان ھەمدە مايكېل ماككولنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە جاۋابەن ئۇنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مايكېل ماككول خىتايغا جاۋابەن: «ئامېرىكىنىڭ ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنى قوللىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۈچ يوق» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە پارلامېنت ئەزاسى مايكېل ماككولنىڭ يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، خىتاي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى دائىم قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇ يېقىندا يەنە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقىنى، مايكېل ماككولنىڭ ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلگە قارشى جازا قانۇنى» غا ئاساسەن، مايكېل ماككولنىڭ خىتايغا كىرىش ۋىزىسى ئالالمايدىغانلىقىنى، خىتايغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتايدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتايدىكى بارلىق مال-مۈلكىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مايكېل ماككول شۇ كۈنى خىتاينىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن جازالىنىش مەن ئۈچۈن شەرەپ مېدالى ئالغانغا باراۋەر. ئامېرىكىنى تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى قوللاشتىن ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ