ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىدىن پەقەتلا ھەربىي تەھدىتكىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي بېسىمغا قارشى داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان جىددىي ۋەزىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان پەيتتە ساھىبخانلىق قىلىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا ھەربىي تەھدىتكە قارشى ھەمكارلىقتا بولۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي بېسىمغىمۇ ھەمكارلىشىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكىنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راخم ئېمانۇئېل زىيارەتتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قوبۇل قىلغان بىر زىيارەتتە قىلغان سۆزىدە: «بۇ زورلاش ناھايىتى مۇھىم. ئۇ ئامېرىكىنى ئېغىرلىق مەركىزىدە ساقلايدۇ ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ بۇ ئويۇندا ئىكەنلىكىمىزنى بىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ» دېدى.
كېلەر ئايدىكى خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىغا ئاساس سالىدىغان بۇ يىغىندا خىتاي ئاساسلىق مۇزاكىرە مەركىزى بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا جەنۇبىي ئافرىقا ۋە كورېيە قاتارلىق ئاسىيا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، شى جىنپىڭنى يىغىنغا تەكلىپ قىلمىدى.
G7 دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش توغرىسىدىكى مۇزاكىرىنى قايتىدىن باشلاشقا ئۇرۇنۇشى مۆلچەرلەنسىمۇ، سودا مىنىستىرلىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا «ئىقتىسادىي بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان» مەجبۇرلاشقا قارشى ئورتاق تىرىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مۇھىم ئېلېمېنتلاردا بېيجىڭغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ۋە ئامېرىكا ۋە گوللاندىيەدىن كېيىن، ياپونىيەمۇ ئۆزەك ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويغانلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا: «ئىقتىسادىي بېسىم ۋە ھەربىي تەھدىتنى تىلغا ئالغاندا، ئامېرىكا تەجرىبىلىك ۋە مۇتەخەسسىس» دېدى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ۋاڭ شۆۋېن چارشەنبە كۈنى ياپونىيە باش ئەلچىسىگە ئۆزىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورتىغا چەك قويۇشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىمى دەپ ئاتالغان رايونلۇق سودا كېلىشىمىگە قوشۇلۇش تىرىشچانلىقىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر