مايك گاللاگېر بايدېن ھۆكۈمىتىنى 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر جو بايدىن ھۆكۈمىتىنى 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر: «ئامېرىكا 2024-يىلى 1-ئايدا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى بېيجىڭ بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قىزىق توقۇنۇشنىڭ «ئەڭ چوڭ خەتەر كۆزنىكى» گە دۇچ كېلىدۇ» دېدى.

گاللاگېر بايدېننىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ تەيۋەننى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىش تىرىشچانلىقىنى «پات يېقىندىكى تەھدىد» دەپ قارىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭنى يېقىن زاماندا ھەرىكەت قوللىنىدۇ دەپ قارىمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گاللاگېر سۆزىدە يەنە: «كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، مەيلى سىز بۇنى بەش يىل، 10 يىل ياكى بىر يىلدا يۈز بېرىدۇ دەپ ئويلاڭ ياكى ئويلىماڭ، بىز بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭ ھەرگىز يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز ئۈچۈن ئاسمان-زېمىننى ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەن يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان بايدېن ھۆكۈمىتىدىن بۇنداق جىددىيلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بۇ كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ » دېدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 682 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2023 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق