BBC رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان يۈزلىگەن ھېساباتنىڭ ئېلون ماسكنىڭ Twitter نى سېتىۋېلىشىدىن كېيىن ئاكتىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىدى.
BBC نىڭ يەرشارى خاتا تەشۋىقاتقا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىدىن Grigor Atanesian نىڭ بىلدۈرۈشىچە،
BBC ئېلون ماسكنىڭ ئالدىنقى يىلى ئۆكتەبىردە Twitter نى سېتىۋېلىشىدىن كېيىن، ئېلون ماسك شىركەتتىكى ھەر خىل دۆلەت ۋە ئورگانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ساختا ھېساباتلارغا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان يۈزلىگەن ھېساباتلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.
ماسك ئەمەلدىن قالدۇرغان گۇرۇپپا بولسا رۇسىيە، خىتاي، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى پىكىرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە دېموكراتىيەگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ساختا ۋە ياللانما ھېساباتلاردىكى «ئۇچۇر ھەرىكىتى» گە قارشى كۈرەش قىلاتتى.
مۇتەخەسسىسلەر ۋە سابىق خىزمەتچىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشتىن بوشىتىلغان ياكى ئىستىپا بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن Twitter ئاسانلا كونترول قىلىنىشقا ئۇچرايدىغان سۇپا ھالىغا كەلگەن.
BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق خىزمەتچىلەر مەخپىيەتلىك كېلىشىملىرى ۋە تور ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالغان تەھدىد ئۇچۇرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب ب س دىن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
BBC گە سۆز قىلغان سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچى: «نۆۋەتتە Twitter دا پەقەت ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش سىستېمىسىلا قالدى. ئادەم كۈچى بىلەن تەكشۈرۈش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدى» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر