كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ: «بىز رۇسىيە قوراللىرىدىن خىتايدا ياسالغان نۇرغۇن ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى توپلاۋاتىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلىشىدىن كېيىن خىتاي شىركەتلىرىدىن بىرى بۇ ئەيىبلەشكە جاۋاب قايتۇردى.
ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا تەنقىد ئوقلىرىنى خىتايغا توغرىلاشقا باشلىدى.
پرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىشخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئۇكرائىنادا ئىشلىتىلگەن رۇسىيە قوراللىرىدا خىتاي زاپچاسلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ جازا سىياسىتى مەسلىھەتچىسى ۋىلادىسلاۋ ۋىلاسۇك: «بىز ئۇرۇش مەيدانىدىن توپلىغان قوراللاردا ئوخشىمىغان ئېلېكترونلۇق زاپچاسلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قايسى دۆلەتنىڭ زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ئەلۋەتتە، خىتاي» دېدى.
خىتاي 2022-يىلى 2-ئايدا موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدىن بۇيان، رۇسىيەگە ھەربىي ئەسلىھە ئەۋەتمىگەنلىكى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، غەربنىڭ رۇسىيەگە قارىتا يۈرگۈزگەن جازانىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە ۋە بۇ ھەربىي ۋە ئادەتتىكى قوراللار ياكى قوراللاردا ئىشلىتىلىدىغان مىكرو ئۆزەك قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ توشۇلۇشىنى توسۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.
ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۇكرائىنا مۇتەخەسسىسلىرى توپلىغان ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقى بىلەن ئورتاقلاشقان ئاخباراتتا، ئىلگىرى شىۋىتسارىيە سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن ئورلاننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ يول باشلاش سىستېمىسىدا خىتايدا ياسالغان زاپچاسلارنىڭ بارلىقى بايان قىلىندى.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئىلگىرى فرانسىيەدە ياسالغان زاپچاسلارنى ئىشلەتكەن رۇسىيەنىڭ تانكىلىرىدىكى ئوق چىقىرىش سىستېمىسىدىن خىتاي زاپچاسلىرىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي قاتتىق دېتاللىرى ئۈچۈن زاپچاس بىلەن تەمىنلەۋاتقان-تەمىنلىمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «تارىختىن بۇيان، خىتاي باراۋەرلىك ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن نورمال سودا ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇردى. ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئېكسپورتىغا كەلسەك، خىتاي باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە قوللاندى. خىتاينىڭ مەيدانى ۋە ھەرىكىتى ئەزەلدىن شۇنداق» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
ۋلاسىيۇك بولسا ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى تەمىنلىگۈچىلەرنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتاي شىمالىي سانائەت گۇرۇھى ۋە شىنشىڭ گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى تەمىنلىگۈچى شىركەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭ بىلەن نورىنكو خىزمەتچىلىرىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بىرى، بۇ شىركەتنىڭ «رۇسىيەنى ھەربىي ئەسلىھە زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى» ئېيتتى. ئەمما شىنشىڭ گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتى بولسا بۇ ھەقتە ئېنىقلىما بېرىش تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم قىلىشى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «تارىخىي خاتالىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر