خىتاي ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ABM) سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئوتتۇرا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغان بولۇپ، بۇ سىناق خىتاينىڭ 2010-يىلدىن بۇيانقى 7-قېتىملىق ABM سىنىقى ئىكەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ABM  سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ۋە مۆلچەرگە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

باياناتتا سىناقنىڭ مۇداپىئە مەقسىتىدە ئىكەنلىكى ۋە ھېچقانداق دۆلەتنى نىشانلىمىغانلىقى بايان قىلىندى.

خىتاي ئىلگىرى 2010، 2013، 2014، 2018، 2021 ۋە 2022-يىللىرى 6 قېتىم ABM سىنىقى ئېلىپ بارغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 432 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2023 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق