شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام ۋە باش كاتىپى ئۇستاز ئابدۇرازاق ئۇجاتتىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلانى دائىرىسىدە قىلىنغان 15 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ھەيئەت بۇ جەرياندا ھىندونېزىيەدىكى مەسچىت ئىماملىرى، مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەرنى، مەشھۇر ئۆلىما ۋە دەۋەتچىلەرنى ھەمدە ئاخباراتچىلارنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت قىلغان ھەربىر شەخس ۋە ئورۇنلاغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى ھەمدە قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
ھەيئەت زىيارىتىنىڭ 2-بېكىتى بولغان قاتار پايتەختى دوھادا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور ئەلى قاراداغى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد ئەسسەغىر، قاتاردىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن ئەششۇرۇق گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۇستاز جابىرىلمخئەلھەرەمىي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈش داۋامىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى ھەمدە قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ھەمدە بۇ مەسىلىگە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ، بولۇپمۇ ئۆلىمالارنىڭ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ