ھەيئەت بىرلەشمە ئىپتار پائالىيىتىدە خىتاينىڭ جىنايىتىنى تونۇشتۇردى

مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 11-ئاپرېل مالايشىيا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى تەشكىلاتلار بىرلىكى، ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى ۋە مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئىپتار پائالىيىتى مالايشىيادىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە ھەيئەت ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى ھەمدە مەسچىت تاقاش، مەسچىت چېقىش، بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1065 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2023 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق