خىتاينىڭ رامىزاندا لاگېر مەسچىتىنى تاقىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ ۋەيران قىلغانلىقى ياكى مەسچىتلەرنى ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مەيخانا، چايخانا، ھەتتا ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرغانلىقى، چاقماي قويغان بەزى مەسچىتلەرنى خىتايچە ئۇسلۇبتا ياسىغانلىقى يىللاردىن بۇيان تىلغا ئېلىنىۋاتقان خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەت پاكىتلىرىدۇر. يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان سىنلار خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاشكارا قىلماقتا. خىتاي بۇ يىل يەنە مۇبارەك رامىزاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى «لاگېر مەسچىتى» نى تاقىۋەتكەن.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ئىجتىمائىي ئۇچۇر ھېساباتى فېيسبۇكتا ھەمبەھىرلىگەن سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى «لاگېر مەسچىتى» نى تاقاپ ناماز ئۇقۇشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

سىندا خىتايچە يېزىق ھەم ئاۋاز بىلەن بۇ مەسچىتنىڭ ئالتايدىكى «لاگېر مەسچىتى» ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسچىتنىڭ ئەرەبچە نامى «چوڭ مەسچىت» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە قازاق تىلدا «لاگېر مەسچىتى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، سىندا كۆرسىتىلىۋاتقان مەسچىت ئىشىكىنىڭ تاقالغانلىقىنى، بۇ مەسچىت نۆۋەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى سەۋەبلىك تاقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ مەسچىت تاشلاندۇق بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان كىشى سىندا يەنە ئۆزىنىڭ بىر ساياھەتچى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا نۆۋەتتە ئالتايدا قار ياغقانلىقىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە 12-ئاپرېل كۈنىمۇ قاتتىق قار ياغقانلىقىنى سۆزىگە قوشۇپ قويغان.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا سەھنىدە ئۆزلىرىنىڭ دىنغا قارشى ئەمەسلىكىنى، دىنى ئەركىنلىكنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ دىنى ئېتىقادىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار ھەمدە سىنلار خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئاشكارىلىماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1692 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2023 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق