خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئېلان قىلغان قوشما باياناتقا قاتتىق قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي يەر شارى تورىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 11-ئاپرېل فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا يېڭىدىن ھەربىي بازا كۆپەيتىشنى تېزلىكتە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنى مەبلەغ بىلەن قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا-فىلىپپىن قوشما باياناتىدىكى خىتايغا چېتىشلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا نارازىلىق بىلدۈردى.
ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئېلان قىلغان قوشما باياناتقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا-فىلىپپىن قوشما باياناتىدا خىتاينىڭ دېڭىزدا يوللۇق، قانۇنلۇق قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى بۇرمىلىغانلىقىنى، ھەتتا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ خىتايغا تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
ۋاڭ ۋېنبىن باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا يېڭىدىن ھەربىي بازا كۆپەيتىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى يېڭىدىن كۆپەيتكەن بازىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ مۇددىئاسىنى دېمىسەكمۇ چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئىتتىپاقنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭ ۋېنبىن باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تەھدىت سېلىپ: «بىز ئالاقىدار رايوندىكى دۆلەتلەرگە رايون سىرتىدىكى كۈچلەرگە ماسلىشىۋەرگەندە، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۆزىگىمۇ بالايىئاپەت كەلتۈرۈدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ