خەۋەر تۈرك تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قاتار ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى سىنوپېك Sinopec ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تەبىئىي گازنى كېڭەيتىش تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى خىتاي شىركىتىگە بەرگەن.
يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 8 مىليون توننىغا يېتىدىغان تۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىگە باراۋەر بولغان 5 پىرسەنت پاينىڭ تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى باشقا پايچىكلارنىڭ پاي باھاسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قاتارنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە مىنىستىرى سەئد ئەلقابى سۆزىدە: «دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز بازىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ قاتار ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم بازىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سىنوپېك بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ قاتار ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئىستېمالچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى تاللاش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
بۇ ئىككى شىركەت 2022-يىلى نويابىردا شەرقىي شىمال مەيدانىنى كېڭەيتىش تۈرىدىن يىلىغا تۆت مىليون توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر قاتارنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يىلىغا 77 مىليون توننىدىن 110 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشكە تۆھپە قوشىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر