شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرى ئەمگەك مۇبارەك رامىزاندىمۇ داۋام قىلماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلماقتا. 

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ھەمبەھىرلىگەن بىر قانچە سىندا خىتاي شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەر-ئايال كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلار ساقچىلارنىڭ نازارىتى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئېغىر ۋاسىتىلەر بىلەن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

يەنە بىر سىندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىزدا مۇچ مايسىسى كۆچۈرۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ سىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇبارەك رامىزاندىمۇ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئېغىر ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خەلقنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئېتىزلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان، تۈرلۈك جازالار، ئېمبارگولار ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1944 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2023 19:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق