ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى بايدىن ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى پارتىيە ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى يېقىندا فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئالاقىدار فېدېراتسىيە تارماقلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى-ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ رەئىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى كرىستوفىر سىمىس ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي 11-ئاپرېل دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى روبېرت سىلۋېرغا يازغان مەكتۇپنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار مەكتۇپىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەكتۇپتا: «گەرچە بىز (ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى) نى ئىجرا قىلىشنىڭ قىيىنلىقى ۋە دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى چۈشەنگەن بولساقمۇ، بىراق تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ ئېنىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، چەكلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونى بىلەن ياكى باشقا رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بار يوقلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىق ئايرىش، چەكلەنگەن ماللارنىڭ نېمە ئۈچۈن پارلامېنتقا ئاشكارا دوكلات بەرمەي بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا دائىر ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن. 

پارلامېنت ئەزالىرى مەكتۇپتا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى DHS نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئورۇن تىزىملىكىنى تېزدىن كېڭەيتىش ۋە يىل ئىچىدە ئېھتىياجغا ئاساسەن ئالاقىدار تەدبىرلەرنى يېڭىلاشنى تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار مەكتۇبىدا يەنە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) دىن ئورگاننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا پارلامېنتقا سۇنغان يىللىق دوكلاتىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى يېڭىلاش ھەمدە شەرقىي تۈركىستانغا مال توشۇشقا مۇناسىۋەتلىك كىرىزىسقا قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقى ھەققىدىكى پىلانى، پىلاننى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا، شۇنداقلا بارلىق زۆرۈر بولغان ماتېرىياللار ھەققىدە دوكلات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 672 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2023 19:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق