تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن جەم بولدى

مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 11-ئاپرېل «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» ئەزالىرى، مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى  ABIM نىڭ ئاياللار شۆبىسى ۋە خەلقئارا تىنچلىق بۇرچى مالايشىيا شۆبىسى (GPM)، مالايشىيادىكى ئاياللار تەشكىلاتى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى.

يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشىلىرىنى تونۇشتۇردى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئاياللار ۋە بالىلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى چۈشەندۈردى ھەمدە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان پىلانلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

بۇ قېتىملىق زىيارەتلەردە ئاساسلىقى مالايشىيادا يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» (UMRO) نىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، كېڭەيتىش، مالايشىيا ئاياللىرىنى مەركەز قىلىپ، مالايشىيا خانىم-قىزلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىز-ئاياللار ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، مالايشىيا ئاياللىرىنىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ پىدائىيلىرىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىنغان،

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1157 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2023 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق