خىتاي جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەھدىت تەرىقىسىدە ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ سىپراتلى ئارىلىغا يېقىن خادا تاشلىق دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي ئارمىيە ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تىيەن جۈنلى باياناتىدا 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكىنىڭ «USS Milius» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى خىتاينىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ خىتاينىڭ نەنشا مېيجى خادا تاش ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت بىلەن قاراۋۇللۇق قىلغانلىقىنى، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت ھوشيار ھالەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بىخەتەرلىكى ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ