ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تالاش-تارتىشتىكى ئارۇناچال پرادېشنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ يەر نامىنى ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 10-ئاپرېل ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئارۇناچال پرادېش (خىتاي تىبەتنىڭ جەنۇبى دەپ ئاتايدۇ) زىيارىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايوندا ھەرىكەت قىلىش خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامىت شاھنىڭ ئارۇناچال پرادېشتىكى زىيارىتى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تىبەتنىڭ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تىبەتنىڭ جەنۇبىدا ھەرىكەت قىلىشى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىلجىرلىغان.
ۋاڭ ۋېنبىن يەنە: «ئامىت شاھنىڭ ھەرىكىتى چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە پايدىسىز، خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاي ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئارۇناچال پرادېش دەپ قارايدىغان 11 رايوننىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ رايونلارنى خىتاينىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېلان قىلغانىدى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامىت شاھ دۈشەنبە كۈنى ئارۇناچال پرادېشتا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ھەمدە ھىندىستان-تىبەت ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ يېنىدىكى كىبىتۇ يېزىسىدا «ھاياتىي كۈچكە تولغان يېزا تۈر قۇرۇلۇشى» پائالىيىتى باشلىماقچى بولغان.
بۇ ئامىت شاھنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ كىبىتۇ يېزىسىدا توققۇز كىچىك سۇ ئېلېكتىر تۈرىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ