پېشقەدەم تەتقىقاتچى ئابدۇلقۇددۇس ھافىز

 

 پېشقەدەم تەتقىقاتچى، تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇلقۇددۇس ھافىز 1951-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ ئىسمى ھافىزاخۇن داموللام.

ئۇ 1966-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1973-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەن، ئەمما خىتايلار تەرىپىدىن «دۈشمەننىڭ بالىسى» دەپ قارىلىپ قوبۇل قىلىنمىغان. بۇ ئەھۋال ئۇدا ئۈچ يىل داۋاملاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرغان. بىر مەزگىلدىن كېيىن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنىپ، مۇزىكا ۋە تېكىست ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بىر يىلدىن كېيىن ناھىيەلىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يۆتكەلگەن.

كەلپىن سۈيى قىس، نامرات ناھىيە ئىدى. شۇڭا بىر قىسىم دېھقانلار دېھقانچىلىق ئىشلىرى توختىغان قىش ئايلىرىدا ياقا يۇرتلارغا پۇل تېپىش ئۈچۈن چىقىپ، جاپالىق ئىشلەشكە مەجبۇر بولاتتى. قۇددۇس ھافىز دەسلەپ بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ ئويلىنىشقا باشلىغان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقاتىنى ئازوت ۋە فوسفورلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ «زىرائەتلەرنى يوپۇرمىقىدىن ئوغۇتلاش ئۇسۇلى»نى سىناق قىلىشتىن باشلىماقچى بولغان. ئۇ كېيىن «زىرائەتلەرنى پۈركۈپ ئوغۇتلاپ مەھسۇلات ئاشۇرۇش» ماۋزۇلۇق بىر دوكلات تەييارلاپ، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەلىپى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان.

شۇنىڭدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتايچە «ئاقسۇ گېزىتى»دا ئازوت ۋە فوسفورنىڭ دېھقانچىلىقتا قوللىنىلىشىنىڭ ئىلمىي ئەۋزەللىكلىرىگە دائىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. دېمەك، قۇددۇس ھافىزنىڭ تەتقىقاتىدىن 17 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭدىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئاران قۇددۇس ھافىز ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيەنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئۈچ يىلدىن كېيىن دەل قۇددۇس ھافىز ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ئاساسىدا ئىشلەنگەن «مول ھوسۇل ئېلېمېنتى» ۋە «يوپۇرماق گۆھىرى» دېگەنلەر بازارغا سېلىنىپ، پۈتۈن يېزا-قىشلاقلاردا ئومۇملاشتۇرۇلغان.

قۇددۇس ھافىزنىڭ ھەرخىل ساھەلەردىكى تەتقىقاتلىرى ۋە شېئىرىي ئىجادىيىتى سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا باشلانغان. ئۇ ئىشلەش جەريانىدا يازغان شېئىر ۋە ماقالىلىرى پات-پات «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. شۇڭا ئۇ «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ «كىچىك مۇخبىر»ى بولۇپمۇ قالغان.

يىللار ئۆتۈپ 1982-يىلىغا كەلگەندە ئۇ «كىچىك مۇخبىر ژۇرنىلى»نىڭ بىر سانىدا «چەت ئەل كىشى ئىسىملىرىنى توغرا تەرجىمە قىلايلى» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە كۆرگەن. ئۇ ماقالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىكەن، دېگەن قاراشقا كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن قۇددۇس ھافىزنىڭ تىل تەتقىقاتى باشلانغان.

قۇددۇس ھافىز بۇ لۇغەتنى ئىشلەش جەريانىدا بىر تەرەپتىن تىل-يېزىق ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا تىللارنى سېلىشتۇرۇش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىپادىلەش كۈچى جەھەتتە باشقا ھەرقانداق تىللارنى بېسىپ چۈشكىدەك يۈكسەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشكە باشلايدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە بېغىشلانغان 17 بەتلىك «قايسى تىل دۇنيا تىلى بولالايدۇ؟» ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىقىدۇ ۋە بۇ ماقالىسىنى ئېلىپ بىر نەچچە گېزىتخانىغا بارىدۇ. ئەمما ئۇلار: «خىتاي تىلى دۇنيا تىلى بولالمايۋاتسا، ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بولالايدۇ، دېگەن قانداق گەپ؟» دەپ ئېلان قىلىشنى رەت قىلىدۇ.

1992-يىلىغا كەلگەندە خىتايچە «چەت ئەل تىلشۇناسلىقى» ناملىق ژۇرنالدىن كانادانىڭ كۇەيبېك شەھىرىدە 15-قېتىملىق خەلقئارالىق تىل تەتقىقات قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئۇ بۇ يىغىنغا بېرىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى ھەم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك بارالمايدۇ.

1995-يىلىغا كەلگەندە يەنە شۇ ژۇرنالدا شىۋېتسىيەنىڭ ئىستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا 13-قېتىملىق خەلقئارا فونېتىكا ئىلمى قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ يەنە قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلىدۇ. قۇددۇس ھافىزنىڭ تەييارلىغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى «ئىسىم-ناملار تەرجىمىسى ۋە فونېتىكا» ئىدى.

ئەمما ئۇ تاپقان تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىزدىنىش، كىتاب-ماتېرىيال سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا قاراتقان بولغاچقا، ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىدى. ئۇ ئويلىنىپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان ئۆمەرجان ھەسەن دېگەن يازغۇچىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىم ھەرگىزمۇ شەخسى نام-شۆھرەت ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى دۇنيا ئالىملىرى ئالدىدا جاكارلاش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش. شۇڭا بىرەر پۇلى بار، مەرد كىشى بولسا ماقالەمنى ئۇنىڭغا بېرىمەن. ئۇ كىشى يىغىنغا بېرىپ ماقالىنى ئاڭلاتسا، مەن ئۈچۈن يېتەرلىك» دەيدۇ.

ئۆمەرجان ھەسەن قۇددۇس ھافىزنىڭ سۆزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ دەرھال «ئىڭراۋاتقان ئىلمىي ھەقىقەت» ناملىق خىتابنامە يېزىپ، گېزىت ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قۇددۇس ھافىزنىڭ ئەھۋالى جەمئىيەتكە تارقىلىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغايدۇ ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە قۇددۇس ھافىزنى قوللاش قىزغىنلىقى بارلىققا كېلىدۇ. مەكتەپ، زاۋۇت، كان-كارخانىلاردىن يېزىلارغىچە قوزغىلىپ، بىر تەرەپتىن خەت ئارقىلىق ئىلھام-مەدەت بەرسە، يەنە بىر ياقتىن ئىقتىسادىي ياردەملىرى بىلەن ھال سوراپ كەلگەنلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

بۇ ۋاقىتتا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندىم قۇددۇس ھافىزنى چاقىرتىپ، مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ تونۇشتۇرىدۇ. تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، پاسپورت ئىشلەپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىدۇ.

بەكمۇ ئەپسۇسكى، بۇ كۈنلەردە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى بىر قىسىم ئالىم-پىروفېسسورلار قۇددۇس ھافىزغا قاتتىق ھەسەتخورلۇق قىلىپ: «بىز ئالىم-پىروفېسسور تۇرۇپ بېيجىڭدىكى بىر يىغىنغا بارالمايمىزيۇ، ئاران تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر سەھرالىق قانداقسىگە خەلقئارالىق يىغىنغا بارالايدۇ؟» دېيىشكەن.

قۇددۇس ھافىز ئاخىر ھەر خىل توسالغۇلاردىن ئۆتۈپ، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ئىستوكھولمدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا بارىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىسى «19B-» مەيدانغا يېپىشتۇرۇلۇپ مۇھاكىمىگە قويۇلىدۇ. قۇددۇس ھافىز يىغىن جەريانى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:

- كۆردۈم ۋە بىلدىمكى، يىغىن جەريانىدا ھەركىم ئۆز تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلىشتى، ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ھېچ كىم ئېغىز ئاچمىدى. ئەمما يىغىن كومىتېتىنىڭ رەھبىرى بيېرىن گرانسترۇم ئەپەندى ماقالەمنى فونېتىكا ئىلمىگە ئائىت ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدىغان قوش ئايلىق ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قۇددۇس ھافىز يىغىنغا مېڭىشتىن بۇرۇن تەكلىپكە بىنائەن قەشقەرگە زىيارەتكە بارغان. زىيارەت جەريانىدىكى بىر سورۇندا يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى قۇددۇس ھافىزغا: «سەن ھېچ ئىش قىلماي مۇشۇ دوپپا بىلەن يىغىن سەھنىسىدە بىر چېلىقىپ ئۆتسەڭمۇ بۈيۈك ئىش قىلغان بولىسەن. چۈنكى بۇ دوپپا بىزنى دۇنيا خەلقىگە تونۇتىدىغان بىر ئەڭگۈشتەر» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇددۇس ھافىز بۇ يىغىنغا دوپپا بىلەن بېرىپ قاتناشقان، ئۇ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلگەندە ھەممە قاراپ ھەيران قېلىشقان. ئۇ قىسقا دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئالدىغا كەلگەن كىشىلەر بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشكەن.

قۇددۇس ھافىز 1997-يىلى يازدا ئاخىر ۋەتىنى، ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا ئولتۇراقلىشىپ، ھازىرغىچە يېزىقچىلىق، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

بىر قىسىم كىتابلىرى:

1. خىتايچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئىنگلىز كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى

2. خىتايچە-رۇسچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما سوۋېت كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى

3. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى»

4. ئۇيغۇر مەرىپەت مەشئەللىرى

5. ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم-شەرىپى

6. ئاللاھ تائالانىڭ مۆجىزىۋى بېشارەتلىرى

7. قۇرئان كەرىم مەزمۇن ئاچقۇچى

8. ئانا تىلىم - جان تىلىم

9. ئۈچ تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە

10. ئۇيغۇر-ئىسلام ھۆسنخەت گۈلزارى

11. ئابدۇلقۇددۇس ھافىز يازمىلىرىدىن تاللانمىلار

قۇددۇس ھافىزنىڭ يېزىۋاتقان يەنە باشقا كىتابلىرىمۇ بولۇپ، ئۆزى يالغۇز بولغاچقا يېتىشىپ بولالمايۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى مەلۇم. ئەگەر خەلقىمىز قوللاپ بەرسە ئۇزۇن ئۆتمەي باشقا بىر قىسىم كىتابلىرىمۇ نەشر قىلىنىشى مۇمكىن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

2023-يىلى 11-ئاپرېل

 

بۇ خەۋەر 1357 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2023 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق