تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 10-ئاپرېل مالايشىياغا يېتىپ بېرىپ، زىيارەت پائالىيىتىنى باشلىغانىدى.

 تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت بۇ زىيارەتتە ئاساسلىقى مالايشىيادا يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» (UMRO) نىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، كېڭەيتىش، مالايشىيا ئاياللىرىنى مەركەز قىلىپ، مالايشىيا خانىم-قىزلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىز-ئاياللار ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، مالايشىيا ئاياللىرىنىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ پىدائىيلىرىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدى.

ھەيئەت 10-ئاپرېل تۇنجى بولۇپ مالايشىيا ئاداب ياشلار مەركىزىنى (Adap Gençlik Merkezi) زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا مەركەزنىڭ ئەزالىرى بىلەن تونۇشتى ھەمدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە مالايشىيا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى، مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى  ABIM ، WADA زىيالىيلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار شۆبىسى ھېلۋا ۋە سېلۋانىڭ ئاياللار تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مەسلىھەت يىغىنى ئاچتى.

ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە مالايشىيا مىللىي ئىشەنچ پارتىيەسى (Amanah Negara Parti) نىڭ ياشلار شۆبە رەئىسى، مالايشىيا پارلامېنت ئەزاسى ھاسبي مۇدا ( Hasbie Muda ) ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشلەردە شەرقىي تۈركىستان دەاۋاسىنىڭ مالايشىيادىكى كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» (UMRO) نىڭ ھەمكارلىقىدا مالايشىيا ياشلىرىغا قارىتا تەشكىللىمەكچى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش پىروگراممىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1312 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2023 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق