ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن خىتايغا قارشى تارىختىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر باشلىدى

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى بازىدىن پايدىلىنىپ فىلىپپىننىڭ مۇداپىئەسىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ۋە باشقىلارغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس 10-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا-فىلىپپىن كېڭەيتىلگەن مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئاساسەن ئىشلىتىدىغان تۆت يېڭى بازىنىڭ فىلىپپىننىڭ زېمىنىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىرېزىدېنت ماركوس تۈنۈگۈن باشلانغان ئامېرىكا-فىلىپپىن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز ھەربىي بازىمىزنىڭ ھەر قانداق ھۇجۇم ھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايمىز، بازىنىڭ ئېچىلىش مەقسىتى فلىپپىن ياردەمگە موھتاج بولغاندا ياردەم قىلىشتۇر» دېگەن.

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن خىتاينىڭ تەيۋەننى قامال قىلىشنى تەقلىد قىلغان ئۈچ كۈنلۈك مانېۋىرى ئاخىرلاشقاندىن بىر كۈن كېيىن، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.

تەخمىنەن 18 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان «بالىتاكان» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر جەنۇبىي دېڭىزدا باشلانغان بولۇپ، مانېۋىر جەريانىدا راست ئوق-دورا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر تۇنجى قېتىم فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوسنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلمەكتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانىلا ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ بىر قانچە بازىسىنى ئىشلىتىشىگە يول قويغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى تىلغا ئېلىپ، فىلىپپىندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ رايوندا تېخىمۇ جىددىيچىلىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىرېزىدېنت ماركوس تاراتقۇلارغا يەنە: «خىتاينىڭ ئىنكاسى ھەيران قالارلىق ئەمەس. فىلىپپىن بازىلارنىڭ ھەر قانداق ھۇجۇم ھەرىكىتىگە ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايدۇ» دېگەن.

فىلىپپىن ئامېرىكا نۆۋەتتە فىلىپپىندا ئىشلىتىۋاتقان بەش بازىنىڭ ئۈستىگە تۆت يېڭى بازىنى ئامېرىكىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر يېڭى بازىلارنىڭ ئورنىنى ئاشكارىلىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2023 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق