تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى رايونى جىددىي ھالەتكە كەلگەن بولۇپ، خىتاي دېڭىز قاتنىشى ئىدارىسى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، بوخەي دېڭىز بوغۇزى خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايونغا كىرىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 10-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، داليەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى 9-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە بوخەي دېڭىز بوغۇزى خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، بۇ رايونغا كىرىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دېڭىز قاتنىشى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا: «9-ئاپرېل سائەت 16:00 دىن 16-ئاپرېل كۈنى سائەت 16:00 گىچە بوخەي دېڭىز بوغۇزى خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، رايونغا كىرىش چەكلىنىدۇ» دېيىلگەن.
تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى تەڭ قاتناشقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. «بىرلەشمە قىلىچ» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرق فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى ئارال ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ھەر جەھەتتىن قورشاپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن كونتروللۇقىنى ئالىقىنىغا كىرگۈزۈشنى نىشان قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ