شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى 8-ئاپرېل بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ياشلاردىن 500 دىن ئارتۇق قىز-ئوغۇل قاتناشتى.
پائالىيەت مۇھەممەد ئەمىن قارىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، پائالىيەتتە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئىستىشارە ھەيئەت ئەزاسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆزىدە بارىن مۇجاھىدلىرى ھەمدە باشقا پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ بەدەل تۆلەش روھى، ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىدىكى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلارنى تەكرارلاش بىلەن بىرگە، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئىستىشارە ھەيئەت ئەزاسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى سۆزىدە ئىسلام تارىخىدا يۈز بەرگەن مەشھۇر بەدر ئۇرۇشىنى، 1990-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ئاقتۇ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى جىھادى ھەرىكەتنى ئەسلىتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىدا پىداكار بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ